ئەردوغان شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1394047
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بىلەن شى جىنپىڭنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە كوۋىد – 19 غا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىلىرى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.