ئۈچ تېررورچى تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى
پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى لاگېرلىرىدىن قاچقان 2 ئەزاسى بىلەن سۈرىيەدىن قاچقان بىر ئەزاسى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.
1381279
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، تېررورچىلارنىڭ پ ك ك سېپىدىن قېچىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلدى؛ باياناتتا، «ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدىن قاچقان پ ك ك ئەزاسى 2 تېررورچى سىلوپىدا، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلار سېپىدىن قاچقان 1 پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى تېررورچى نۇسايبىندىكى چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىغا تەسلىم بولدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە-گىرېتسىيە سۆھبەت يىغىنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلدى
تۈركىيە-گىرېتسىيە «بەرپاچى كۈنتەرتىپ دىيالوگى»نىڭ 6-قېتىملىق يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.