تۈركىيە ياۋروپا ئەللىرىگە چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقىدى

تۈركىيە چېگرا ئېغىزلىرىنى گېرمانىيە، ئىسپانىيە، فىرانسىيە، ئاۋىستىرىيە، نورۋېگىيە، دانىيە، شىۋېتسىيە، بېلگىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كېلىدىغان يولۇچىلارغا تاقىدى.

1378111
تۈركىيە ياۋروپا ئەللىرىگە چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇنىڭ ئىمزاسى بىلەن «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى  كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە ئېلان قىلىنغان قارارنامىگە ئاساسلانغاندا،  تۈركىيە چېگرا ئېغىزلىرىنى گېرمانىيە، ئىسپانىيە، فىرانسىيە، ئاۋىستىرىيە، نورۋېگىيە، دانىيە، شىۋېتسىيە، بېلگىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كېلىدىغان يولۇچىلارغا تاقىغان، تۈركىيەدىن بۇ دۆلەتلەرگە ساياھەت قىلىش ۋاقىتلىق توختىتىلغان.

 بۈگۈن ئەنقەرە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8 دىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىشقا   باشلىغان قارارنامىگە ئاساسەن، مەزكۇر دۆلەتلەردە تۇرۇۋاتقان 3 – دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىنىڭ 14 كۈن ئىچىدە تۈركىيە چېگراسىدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىكەن، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىنىڭ تۈركىيەدىن چىقىپ كېتىشىگە چەكلىمە قويۇلمايدىكەن. تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دۆلەتلەرگە ساياھەت قىلىشى ۋاقىتلىق توختىتىلغان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر ھەققىدە خىتاي، ئىران، ئىراق، جەنۇبىي كورېيە ۋە ئىتالىيەدىكىگە ئوخشاشلا سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەدبىرلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، داۋالاش، تەكشۈرۈش، كونتىرول قىلىش، 14 كۈنلۈك كۆزىتىش ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا كارانتىنا ئاستىغا ئېلىش قاتارلىق تەدبىرلەر قوللىنىلىدىكەن.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىسپانىيە، نورۋېگىيە، دانىيە، بېلگىيە، ئاۋىستىرىيە، شىۋېتسىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئايروپىلان سەپەرلىرىمۇ 17 – ئاپرېلغىچە توختىتىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر