تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ شىمالىي ئىراقتىكى ھەربىي ھەرىكىتلىرىدە نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا رايونىدا قۇرۇقلۇق ھەم ھاۋادىن ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 11 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1377993
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ شىمالىي ئىراقتىكى ھەربىي ھەرىكىتلىرىدە نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئارمىيەمىزنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا رايونىدا ئېلىپ بارغان قۇرۇقلۇق ھەم ھاۋا ھۇجۇملىرىدا، چارلاش ۋە كۆزىتىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئالدىن ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 11 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەردە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بارلىق ئۇۋىلىرى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر