ئىراقنىڭ شىمالىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1376883
ئىراقنىڭ شىمالىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا ۋە گارا رايونلىرىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، ئالدىن چارلاش ۋە كۆزىتىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، تېررورچىلارغا زەربە بېرىش  ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئىزچىل داۋاملاشماقتا ئىكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سىئىرت ۋىلايىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوندا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىنى  ئۈزۈل - كېسىل بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق سىئىرتنىڭ ھەرقايسى يېزا – قىشلاقلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان  «قاپقان  - 7 گارىسا ھەربىي ھەرىكىتى» داۋامىدا، ئالدىن ئېنىقلاپ چىقىلغان 17 غار، پاناھ جاي ۋە 12 پارتلاتقۇچ يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن، پارتلاتقۇچ ياساش ماتېرىياللىرى، تېررورچىلارغا ئائىت كىيىم – كېچەكلەر ۋە ئوق – دورىلار قولغا چۈشۈرۈلگەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەدە «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتىدە، تۈركىيە قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 8 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر