تۈركىيە سۇدان باش مىنىستىرىغا قىلىنغان سۇيىقەستنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سۇدان باش مىنىستىرى ئابدۇللاھ ھەمدۇكقا قىلىنغان سۇيىقەستنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1375588
تۈركىيە سۇدان باش مىنىستىرىغا قىلىنغان سۇيىقەستنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلىق تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «سۇداندا ئۆتكۈنچى باسقۇچنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئىچىدە داۋاملاشتۇرۇلۇشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. سۇداندا باش مىنىستىر ئابدۇللاھ ھەمدۇك نىشان قىلىنغان سۇيىقەستنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت سۇدان بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىدۇ، ھەمدە ئۆتكۈنچى باسقۇچنى ئاداققىچە قوللايدۇ.»

سۇدان باش مىنىستىرى ھەمدۇك تۈنۈگۈن پايتەخت خارتۇمدا بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ھەمدە بەختكە يارىشا سۇيىقەستتىن  يارىلانماستىن قۇتۇلۇپ قالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر