سۈرىيەدە 2 ئەسكەر شېھىت بولدى، 3 ئەسكەر يارىلاندى

سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئورنىتىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باھار قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 2 ئەسكەر شېھىت بولدى ، 3 ئەسكەر يارىلاندى.

1373002
سۈرىيەدە 2 ئەسكەر شېھىت بولدى، 3 ئەسكەر يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «سۈرىيە ھاكىمىيىتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ باھار قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدىكى ھۇجۇمىدا 2 قەھرىمان سەپدېشىمىز شېھىت بولدى، 3 قەھرىمان سەپدېشىمىز يارىلاندى» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە ، «ھۇجۇمدىن كېيىن ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ 2 دانە نورمال، 2 دانە كۆپ ستۋوللۇق زەمبىرىكى پاچاقلاپ تاشلاندى، 21 نەپەر ئەسەد ھاكىمىيىتى ئەسكىرى بىر تەرەپ قىلىندى» دېگەن ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر