ئاقار جېفرېي بىلەن ساتتېرفېلدنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جەيمس جېفرېي بىلەن ئەنقەرە باش ئەلچىسى دەيۋىد ساتتېرفېلدنى قوبۇل قىلدى.

1370800
ئاقار جېفرېي بىلەن ساتتېرفېلدنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يۇنۇس ئەمرە قارائوسمانئوغلۇ بىلەن جەيمس جېفرېي باشچىلىقىدىكى ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىلغان. ئۇچرىشىشتا، سۈرىيە كىرىزىسى، ئىدلىب مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان. ئۇچرىشىشتىن كېيىن، مىنىستىر ئاقار  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جەيمس جېفرېي بىلەن ئەنقەرە باش ئەلچىسى دەيۋىد ساتتېرفېلدنى قوبۇل قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر