دوغان: ئىدلىبتا 33 ئەسكىرىمىز شېھىت بولدى

سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈرك ئەسكەرلىرى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خائىنلارچە ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى...

1367888
دوغان: ئىدلىبتا 33 ئەسكىرىمىز شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرىنىڭ، ئىدلىب خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىغا قاراتقان ھاۋا ھۇجۇمىدا 33 ئەسكەر شېھىت بولدى.

بۇ ئېچىنىشلىق خەۋەرنى خاتاي ۋالىيسى راھمى دوغان ئۇقتۇردى؛ دەسلەپتە شېھىتلەر سانى 9، ئارقىدىن 22، ئاخىرىدا 33 دەپ ئۇقتۇرغان خاتاي ۋالىيسى دوغان، ھۇجۇمدا يەنە كۆپ ساندا ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارننىڭ ھەممىسىنىڭ خاتايغا ئېلىنىپ كېلىنىپ بالنىستقا ئېلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ۋالىي دوغان، ئارقىدىن يەنە 4 يارىدار ئەسكەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى بىلەن شېھىتلەر سانىنىڭ 33 كە يەتكەنلىكىنى، 32 ئەسكەرنى داۋالاش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئەھۋاللىرىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر