ئىدلىبتىن قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى

سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا ئىككى تۈركىيە ئەسكىرى شېھىت بولدى.

1367252
ئىدلىبتىن قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «رايوندىكى تۈرلۈك مەنبەلەردىن ئىگىلىشىمىزچە،  بەششار ئەسەد كۈچلىرى ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ئىدلىب رايونىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قىسىملىرىمىزغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇم نەتىجىسىدە ئىككى ئەسكىرىمىز شېھىت بولغان، ئىككىسى يارىلانغان. ھۇجۇمدىن كېيىن،  بەششار ئەسەد كۈچلىرىگە ئائىت بىر ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىسى، < ZU-23 > تىپلىق زېنىت توپى، بىر تانكىغا قارشى سىستېما، ئۈچ تانكا، بىر ئوق – دورا ئاپتوموبىلى، ئىككى ئىشچى ماشىنىسى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن، ئۈچ تانكا قولغا چۈشۈرۈلگەن، بەششار ئەسەد كۈچلىرىدىن 114 ى بىر تەرەپ قىلىنغان.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر