تۈركىيە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارىتا كۈچلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويدى

2019 – يىلى دېكابىردا خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسقا قارىتا تېگىشلىك تەدبىرلەرنى يولغا قويغان تۈركىيە، بۇ ۋىرۇس كۆرۈلۈپ قالغان تەقدىردە تاشلىنىدىغان قەدەملەرنىڭ پىلانلىرىنى تۈزۈپ چىقتى.

1366621
تۈركىيە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارىتا كۈچلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ خىتايدىن كېيىن باشقا دۆلەتلەردىمۇ باش كۆتۈرۈشكە باشلىشى بىلەن تەڭ، كۈچلۈك سەھىيە تارماقلىرى سايىسىدا تۇنجى بولۇپ ھەرىكەتكە ئۆتكەن دۆلەتلەردىن بىرى بولدى؛ سەھىيە مىنىستىرلىقى تەتقىقات ئورگىنى «2019-nCov كېسەللىكى قوللانمىسى» تەييارلاپ، 14 – يانۋاردا نەشر قىلدى.

ۋىرۇسنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن 21 – يانۋاردا چېگرا ۋە دېڭىز قىرغىقى سەھىيە ئىشلىرى مۇدىرلىقلىرى خادىملىرى، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدىن بۇ دۆلەتكە قاتنايدىغان ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق قاتنىشى شىركەتلىرىنى تەدبىر ئېلىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

تەتقىقات ئورگىنىنىڭ تەجرىبىلىك تەتقىقاتچىلار ئىشتىراك قىلغان يىغىنى 22- يانۋاردا چاقىرىلدى. شۇ كۈنى خىتاينىڭ بىر ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ۋۇخەن – ئىستانبۇل قاتنىشى توختىتىلدى.

1 – فېۋرالدا تۈركىيە پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىگە بارغان ھەربىي ئايروپىلان، 42 ئادەمنى ئېلىپ تۈركىيەگە قايتتى.

5 – فېۋرالدىن باشلاپ خىتايدىن كېلىدىغان بارلىق ئاۋىياتسىيە قاتنىشى توختىتىلدى.

ۋىرۇس ئىراندا باش كۆتۈرگەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى قۇرۇقلۇق چېگرالىرى 23 – فېۋرالدا تاقىۋېتىلدى. ئارقىدىن ئاۋىياتسىيە قاتنىشىغىمۇ چەكلىمىلەر قويۇلدى. تۈنۈگۈن (25- فېۋرال) ئىراندىكى تۈركىيە پۇقرالىرى قايتۇرۇپ كېلىندى.

تۈركىيەدە كېسەللىك بايقالغان تەقدىردە تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇئەييەنلەشتۇرۇلدى. بارلىق سەھىيە ئورۇنلىرى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلاردىن ۋاقىپلاندۇرۇلدى ۋە تەييار ھالەتكە كەلتۈرۈلدى. دوختۇرخانىلاردا تېگىشلىك تەدبىرلەر يولغا قويۇلدى، نۇقتىلىق دوختۇرخانىلار بېكىتىلىپ، ئايرىم ياتاقلار تەسىس قىلىندى. ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان دورا زاپىسى يېتەرلىك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلدى.

يۇقۇمدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ماسكا ۋە سەھىيە خادىملىرى ئۈچۈن تېببىي لازىمەتلىكلەر بىلەن كىيىم – كېچەكلەر تەييارلاندى.

كوۋىد-19 ئۈچۈن يەرلىك دىياگنوز قويۇش ئۇسۇلى تېپىپ چىقىلىپ، 90 مىنۇت بىلەن 120 مىنۇت ئىچىدە دىياگنوز نەتىجىسىنى ئېلىش كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

بۇ جەرياندا سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ تەھرىرلەر ئۈستىلى سۆھبەت پىروگراممىسىدا سۆز قىلىپ، ھازىرغىچە تۈركىيەدە بىرمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى (كوۋىد-19) بىمارىنىڭ بايقالمىغانلىقىنى ئېيتتى.

«بارلىق تەييارلىقلىرىمىز بار. قىلىنىشى كېرەك بولغان ھەرقانداق ئىشقا ھەممىلا جەھەتتىن تەييارمىز» دېگەن مىنىستىر كوجا، ئىرانغا قارىتا يولغا قويۇلغان تەدبىرلەر دائىرىسىدە 4 چېگرا ئېغىزىغا سەھرا دوختۇرخانىلىرىنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس 33 دۆلەتتە كۆرۈلدى، تۈركىيەدە يوق، بولماسلىقى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىمىز. خەلقىمىز خاۋاتىرلەنمىسۇن.» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس توغرىسىدا 30 – يانۋاردا بايانات بېرىپ، «خەلقئارا ئامما ساغلاملىقى جىددىي ھالىتى» ئېلان قىلغانىدى.

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋىرۇس يۈزىسىدىن ھازىرغىچە 2700 دىن ئارتۇق جېنىدىن ئايرىلدى، 30 دىن ئارتۇق دۆلەتكە تارقالغان ۋىرۇس تۈپەيلى كارانتىناغا ئېلىنغانلار سانى 80 مىڭدىن ئاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر