تۈركىيە ئىران بىلەن بولغان بارلىق تاموژنا ئېغىزلىرىنى تاقىۋەتتى

تۈركىيە، ئىرانلىق ۋە باشقا چەت ئەللىكلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ بارلىق تاموژنا چېگرا ئېغىزلىرى ئارقىلىق دۆلەت تەۋەلىكىگە كىرىشىگە چەكلىمە قويدى.

1364832
تۈركىيە ئىران بىلەن بولغان بارلىق تاموژنا ئېغىزلىرىنى تاقىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، ئىراندا ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى)نىڭ ئادەم ئۆلۈش ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىشىدىن كېيىن، ئىرانلىق ۋە باشقا چەت ئەللىكلەرنىڭ بۇ دۆلەت بىلەن بولغان بارلىق تاموژنا چېگرا ئېغىزلىرى ئارقىلىق تۈركىيەگە كىرىشىگە چەكلىمە قويدى.

تۈنۈگۈن كەچ سائەت 20:00 دىن باشلاپ ئىراندىن ھاۋا يولى ئارقىلىق بىۋاسىتە كەلگەن چەت ئەل پۇقرالىرىمۇ ئايرودۇرۇمدىكى  تاموژنا ئېغىزلىرىدىن تۈركىيەگە كىرگۈزۈلمىدى.

تۈركىيەدىن ئىرانغا كەتمەكچى بولغان ئىران پۇقرالىرىغا ھېچقانداق چەكلىمە قويۇلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر