قالىن: تۈركىيە ئىدلىب مەسىلىسىدە سوچى كېلىشىمىگە قايتىشنى زۆرۈر دەپ قارايدۇ

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىغا ئالاقىدار تۈپ پىكرىنىڭ سوچى كېلىشىمىگە قايتىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1362071
قالىن: تۈركىيە ئىدلىب مەسىلىسىدە سوچى كېلىشىمىگە قايتىشنى زۆرۈر دەپ قارايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم قالىن تۈنۈگۈنكى ئىچكى كابىنېت يىغىنى داۋاملىشىۋاتقان ئەسنادا بايانات ئېلان قىلدى ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ، سۈرىيەدە، بولۇپمۇ ئىدلىبتا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ، كۈنتەرتىپنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى تەكىتلەپ، رۇسىيە بىلەن شەنبە كۈنىدىن بۇيان ھەيئەتلەرئارا سۆھبەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، «ئىدلىبقا مۇناسىۋەتلىك تۈپ پىكرىمىز (رۇسىيە بىلەن 2018 – يىلى ھاسىل قىلىنغان) سوچى كېلىشىمىگە دەرھال قايتىش، بۇنىڭدىن بۇرۇن قارارلاشتۇرۇلغان ئىدلىب توقۇنۇشتىن خالىي رايون چېگرالىرىنىڭ قايتىدىن ئاساس دەپ قوبۇل قىلىنىپ، بولۇپمۇ ھەربىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىمىز ۋە پۇقرالارنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى ئۈچۈن تېگىشلىك قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشىدۇر. بۇ مەسىلىدە دوستلىرىمىزنىڭ ھەرخىل ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەتلىرى بولدى. بۈگۈنكى قارار بۇ سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بولدى» دېدى.

ئۇ، «ھەيئەتلەرئارا سۆھبەتلەرنىڭ يېڭى ۋاقتى بېكىتىلدىمۇ؟ لىدېرلار ئۆزئارا كۆرۈشەمدۇ؟» دېگەن سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، «ھازىرغىچە سۆھبەتلەردە بىزنى قانائەتلەندۈرىدىغان بىر نەتىجە چىقمىدى. بىزگە سۇنۇلغان قەغەز ۋە خەرىتىنى بىز قوبۇل قىلمىدۇق. ئەلۋەتتە ئۇچرىشىشلار داۋاملىشىدۇ. بۇلار پەقەت سۆھبەت ئارقىلىقلا ھەل بولىدىغان ئىشلار» دېدى.

تۈركىيەنىڭ، سۈرىيەنىڭ ياكى باشقا ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ بىر غېرىچ زېمىندا كۆزى يوقلۇقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن قالىن، بىراق، سۈرىيەدە يۈز مىڭلارچە ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن، مىليونلارچە ئىنسان مۇساپىرغا ئايلىنىپ قالغان بولسا، تۈركىيەنىڭ ياكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قولىنى قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇشىنى، ھېچ ئىش بولمىغاندەك ھەرىكەت قىلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئەسكەرلىرىمىزگە ھەرقانداق بىر ھۇجۇم ياكى مۇداخىلە قىلىنغىنىدا، ئۆتكەن ھەپتىلەردىكىگە ئوخشاشلا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىنكاسنىڭ ئەڭ ئېغىر شەكىلدە قايتۇرۇلىدىغانلىقىدىن ھېچكىمنىڭ كىچىككىنە بولسىمۇ شۈبھىسى بولمىسۇن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر