ئەلانۇر خەلقئارالىق ماتېماتىكا مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولدى

ئىزمىردا ياشايدىغان 10 ياشلىق قىز ئەلانۇر ئاقىنجى «خەلقئارا كارىبۇ ماتېماتىكا مۇسابىقىسى» دە بىرىنچى بولدى.

1358074
ئەلانۇر خەلقئارالىق ماتېماتىكا مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ كۆپلىگەن مۇسابىقىلەردە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرگەن ئاقىنجى، يېقىندا كانادادىكى بىر ئورۇننىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردىن 7328 ئوقۇغۇچىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ئارقىسىدا ئۆتكۈزگەن «خەلقئارا كارىبۇ ماتېماتىكا مۇسابىقىسى»دە دۇنيا بىرىنچىسى بولدى.

ھەريىلى 6 قېتىم 12 كاتېگورىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقە ئىنگلىز، فىرانسۇز ۋە پارس تىللىرىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر