چاۋۇشئوغلۇ قاراتاغدا زىيارەتتە بولدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قاراتاغنىڭ پايتەختى پودگورىكادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

1357423
چاۋۇشئوغلۇ قاراتاغدا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ قاراتاغقا قىلغان زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى «ۋىللا گورىكا» ھۆكۈمەت بىناسىدا، قاراتاغ پىرېزىدېنتى مىلو دجۇكانوۋىچ، پارلامېنت باشلىقى ئىۋان براجوۋىچ، باش مىنىستىر دۇسكو ماركوۋىچ ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سىرجان دارمانوۋىچ قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن چاۋۇشئوغلۇ بىلەن دارمانوۋىچ، «قاراتاغ پۇقرالىرىنىڭ كونسۇلخانا ياردىمىدىن بەھرىمەن بولۇش كېلىشىمى» بىلەن  «دىپلوماتىك ۋاكالەتخانا ۋە كونسۇلخانا مەنسۇپلىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كىرىم كىرىدىغان ئىشلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم» نى ئىمزالىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر