تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيە چېگراسىغا ئەسكەر يۆتكەشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە ئارمىيەسى، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى كۆزىتىش ئورۇنلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سۇپىسى، تانكا، ئوق – دورا ۋە ئەسكەر يۆتكەشتە ئىشلىتىلىدىغان بىرونىۋېكلارنى يوللىدى.
1356254
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ئوخشاش بولمىغان رايونلىرىدىن يولغا سېلىنغان تانكا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سۇپىسى، ئوق – دورا ۋە بىرونىۋېكلار بېسىلغان 60 ھەربىي ئاپتوموبىل خاتاينىڭ رەيھانلى ناھىيەسىگە يېتىپ باردى.
خاتايدا چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈۋېلىنغان مەزكۇر ھەربىي لازىمەتلىكلەر كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا چېگرا بويىغا ئېلىپ كېتىلدى.