تۈركىيە بۇركىنا فاسودا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، بۇركىنا فاسونىڭ شىمالىدىكى بىر بازاردا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن دۆلەتكە تەزىيە بىلدۈردى.

1350617
تۈركىيە بۇركىنا فاسودا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «بۇركىنا فاسونىڭ شىمالىدىكى سوئۇم ۋىلايىتىگە قاراشلىق سىلگادژى يېزىسىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا كۆپ ساندا ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە ۋاقىپ بولدۇق. بۇ تېررورلۇق قىلمىشىنى ئەيىبلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، قېرىنداش بۇركىنا فاسو خەلقىگە، ھۆكۈمىتىگە ۋە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى.

ھەپتە ئاخىرىدا كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا 50 كە يېقىن ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر