چاۋۇشئوغلۇ بۇلغارىيەدە تۈرك سودا - سانائەتچىلەر بىلەن ئۇچراشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بۇلغارىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى دائىرىسىدە دۆلەتتىكى تۈرك سودا - سانائەتچىلەر بىلەن ئۇچراشتى.

1350559
چاۋۇشئوغلۇ بۇلغارىيەدە تۈرك سودا - سانائەتچىلەر بىلەن ئۇچراشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بۇلغارىيەگە قىلغان ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىم دائىرىسىدە بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان قىممەتلىك سودا – سانائەتچىلىرىمىز بىلەن بىر يەرگە جەم بولدۇق. دەرۋەقە، سودا – سانائەت دۇنياسى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋەتلىرىمىزنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئىرادىمىز قەتئىي بولۇپ، تۈركىيە – بۇلغارىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىمىزنى 10 مىليارد ياۋروغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر