چاۋۇشئوغلۇ: ئۆز خەلقىنى بومباردىمان قىلغان ئۇرۇش خوجايىنلىرىنىڭ لىۋىيەنىڭ كېلەچىكىدە ئورنى يوق

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، «ئۆز خەلقىنى بومباردىمان قىلغان ئۇرۇش خوجايىنلىرىنىڭ لىۋىيەنىڭ كېلەچىكىدە ئورنى بولمايدۇ» دېدى.

1349193
چاۋۇشئوغلۇ: ئۆز خەلقىنى بومباردىمان قىلغان ئۇرۇش خوجايىنلىرىنىڭ لىۋىيەنىڭ كېلەچىكىدە ئورنى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، لىۋىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ لىدېرى خەلىفە ھافتەرنىڭ تىنچلىقنى ئەمەس، ئۇرۇشنى ياقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئۆز خەلقىنى بومباردىمان قىلغان ئۇرۇش خوجايىنلىرىنىڭ لىۋىيەنىڭ كېلەچىكىدە ئورنى بولمايدۇ» دېدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا تارقاتقان ئۇچۇرىدا، ھافتەرنىڭ كىچىك – چوڭ دېمەستىن پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، «بۇ ئاخىرقى ھۇجۇم ئۇنىڭ تىنچلىقنى ئەمەس، ئۇرۇشنى ياقلايدىغانلىقىنىڭ يېڭى پاكىتى. ئۆز خەلقىنى بومباردىمان قىلغان ئۇرۇش خوجايىنلىرىنىڭ لىۋىيەنىڭ كېلەچىكىدە ئورنى بولمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر