چاۋۇشئوغلۇ مايك پومپيو بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن كۆرۈشتى.

1343400
چاۋۇشئوغلۇ مايك پومپيو بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ بۈگۈن چاقىرىلىدىغان لىۋىيە يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا ئىتالىيەلىك مەنسەپدېشى دى مائىيو بىلەن كۆرۈشتى؛ ئۇ، ئۇچرىشىش توغرىسىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق مەلۇمات بېرىپ،  «ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ۋە لىۋىيە يىغىنى توغرىسىدا سۆزلەشتۇق. لىۋىيەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىپ، مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىگە قايتىش ئۈچۈن بارلىق ئاكىيورلار بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر