سومالىدا تۈرك ئىنژېنېرلار ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

سومالىنىڭ پايتەختى موقدىشۇنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئافگويېدا تۈرك ئىنژېنېرلار بىلەن سومالى ساقچىلىرى چۈشلۈك تاماق يەۋاتقان يەردە ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى.

1343152
سومالىدا تۈرك ئىنژېنېرلار ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بايانات بېرىپ، «سومالىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 6 سى تۈرك، 9 ى سومالى پۇقراسى بولۇپ جەمئىي 15 ئادەم يارىلاندى. يارىلانغان پۇقرالىرىمىزدىن ئىككىسىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى ئېغىر، ئوپېراتسىيە داۋاملىشىۋاتىدۇ» دېدى.

يارىدارلار سومالىدىكى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەلىم – تەربىيە، تەتقىقات دوختورخانىسىدا بالىنىستقا ئېلىندى.

پايتەخت موقدىشۇدا ئۆتكەن ئايدا مەيدانغا كەلگەن بومبىلىق ھۇجۇمدا ئىككى نەپىرى تۈرك بولۇپ جەمئىي 90 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئەششەباب تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىگە ئالغانىدى.

ئەششەباب، رايوننىڭ ئۇل – ئەسلىھە ۋە يول قۇرۇلۇشلىرىنى رېمونت قىلىش خىزمەتلىرىنى ئۈستىگە تۈرك شىركەتلىرىنى پات – پاتلا ھۇجۇم نىشانى قىلىپ كەلمەكتە.

سودا ئىشلىرى مىنىستىرى رۇھسار پەكجان ھۇجۇم توغرىسىدا تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «سومالىدا بىر قۇرۇلۇش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقان ئىنژېنېرلىق شىركىتىمىزنىڭ خىزمەت ئورنىدا مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇمدا يارىلانغان ئىشچىلىرىمىزغا ۋە شىركەت ئەمەلدارلىرىمىزغا تېز شىپالىقلار تىلەيمەن. يارىدارلىرىمىزنىڭ بالدۇرراق دۆلىتىمىزگە ئېلىپ كېلىنىشى ئۈچۈن ئالاقىدار بارلىق ئورگانلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بولسا، «سومالىدا بىگۇناھ پۇقرالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئەڭ ئېغىر شەكىلدە ئەيىبلەيمىز ۋە ئۇنىڭغا لەنەت ئېيتىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر