راھشان ئەجەۋىت ۋاپات بولدى

سابىق باش مىنىستىرلاردىن بۈلەنت ئەجەۋىتنىڭ رەپىقىسى، دېموكراتىك سول پارتىيەنىڭ قۇرغۇچىسى راھشان ئەجەۋىت 97 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

1343031
راھشان ئەجەۋىت ۋاپات بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2019 – يىلى 26 – دېكابىردا گۈلخانە تەلىم – تەربىيە ۋە تەتقىقات دوختۇرخانىسىدا بالنىستقا ئېلىنغان راھشان ئەجەۋىت، ئەرتىسى كۈنى سالامەتلىك ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش كۆرۈلۈپ ئىچكى كېسەللىكلەر جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە يۆتكەلگەنىدى. ئۇ، بىر قاتار ئىچكى ئەزالىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرالماسلىقى نەتىجىسىدە تۈنۈگۈن سائەت 21 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مەرھۇم باش مىنىستىرلاردىن بۈلەنت ئەجەۋىتنىڭ رەپىقىسى راھشان ئەجەۋىتنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن دېموكراتىك سول پارتىيە باشلىقى ئۆندەر ئاقساقالغا تەزىيە بىلدۈردى.

راھشان ئەجەۋىتنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارمۇ ئارقا – ئارقىدىن تەزىيە بىلدۈرۈشتى؛ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى باشلىقى كەمال قىلىچدارئوغلۇ، ئىيى (ياخشى) پارتىيە باشلىقى مەرال ئاقشەنەر قاتارلىقلار ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسلىرى ئارقىلىق راھشان ئەجەۋىتكە ئاللاھتىن رەھمەت تىلىدى.

بۇلاردىن سىرت سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ راھشان ئەجەۋىتنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە تېلېگراممىسى تارقاتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئەرسىن تاتارمۇ راھشان ئەجەۋىتنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدا ئىجتىمائىي تاراتقو تورى ئارقىلىق ھۆكۈمەت نامىدىن تەزىيە تېلېگراممىسى تارقاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر