قالىن ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبرايېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1342516
قالىن ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى بايانات ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  قالىن بىلەن ئوبرايننىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيە ۋە لىۋىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر، بىرلىن باشلىقلار يىغىنى، ئىدلىب ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ۋە بۇ كېلىشىمگە رىئايە قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

قالىن بىلەن ئوبراين، لىۋىيەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرگە تېگىشلىك تەۋسىيەلەردە بولۇش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر