لىۋىيەدە ئۇرۇش توختىتىش لايىھە تېكستىنى سەراج تەرەپ ئىمزالىدى

لىۋىيە بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى فايىز ئەسساراج ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن تەييارلانغان لايىھە تېكستىنى ئىمزالىدى، ئەمما ھافتەر ھەيئىتى بۈگۈن ئەتىگەنگىچە مۆھلەت تەلەپ قىلدى.

1340147
لىۋىيەدە ئۇرۇش توختىتىش لايىھە تېكستىنى سەراج تەرەپ ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن (2019-يىلى 13-يانۋار) لىۋىيە مەسىلىسى بويىچە ئۇچرىشىشلاردا بولۇش ئۈچۈن رۇسىيە پايتەختى موسكۋاغا يېتىپ بارغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: «نەتىجىدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ شەرتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لايىھە تېكستىنى ئوتتۇرىغا چىقاردۇق. بۇ لايىھە تېكستىنىڭ ئۈستىدە، بولۇپمۇ ھافتەر تەرىپىدىن كەلگەن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەكلىپلىرىنى نەزەرگە ئالدۇق» دېدى.

ئۇ سەرراج بىلەن لىۋىيە دۆلەت ئالىي كېڭىشىنىڭ باشلىقى خالىد ئەلمىشرىنىڭ لايىھە تېكستى ئاخىرقى شەكىلگە كەلگەندىن كېيىن ئىمزالاپ تۈركىيە تەرەپكە تاپشۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «رۇسىيە تەرەپنىڭ بىزگە بىلدۈرگىنىگە قارىغاندا، ھافتەر تەرەپ ئەتە (14-يانۋار) ئەتىگەنگىچە مۆھلەت تەلەپ قىلدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر