فايىز ئەسساراج ئىستانبۇلدا ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى

لىۋىيە بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى فايىز ئەسساراج موسكۋادىكى ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن ئىستانبۇلغا كەلدى.

1340632
فايىز ئەسساراج ئىستانبۇلدا ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيەدە ئۇرۇش توختىتىش ئۇچرىشىشلىرىدا يېڭى ئىلگىرىلەش بارلىققا كەلدى.

لىۋىيە باش مىنىستىرى فايىز ئەسساراج موسكۋادىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئىستانبۇلغا كەلدى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 12-يانۋار (2020) دىمۇ فايىز ئەسساراجنى ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئىستانبۇل دولماباھچە جۇمھۇر رەئىسلىك ئىشخانىسىدا ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەن كۆرۈشۈش، تەخمىنەن 2 سائەت 30 مىنۇت داۋاملاشتى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى لىۋىيەنىڭ شەرقىنى كونترول ئاستىدا تۇتۇۋاتقان خەلىفە ھافتەرنىڭ، تۈنۈگۈن (13-يانۋار) بىرلىككە كەلگەن ئۇرۇش توختىتىش لايىھە تېكستىنى ئىمزالىماستىن موسكۋادىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر