چاۋۇشئوغلۇ ئىراقتا خىزمەت زىيارىتىدە بولماقتا

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتىكى بىر كۈنلۈك خىزمەت زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1337844
چاۋۇشئوغلۇ ئىراقتا خىزمەت زىيارىتىدە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ باغدادتىكى ھۆكۈمەت سارىيىدا ئىراق باش مىنىستىرى ئادىل ئابدۇلمەھدى بىلەن يېپىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى؛ ئۇچرىشىشقا تۈركىيە ۋە ئىراق ھەيئىتى قاتناشتى.

چاۋۇشئوغلۇ زىيارىتى توغرىسىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى مەلۇمات بېرىپ، «قېرىنداش ئىراق بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىز ۋە رايونغا ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە سۆزلىشىش ئۈچۈن باغدادتىمىز» دەپ يازدى.

ئارقىدىن پىرېزىدېنت بەرھەم سالىھ بىلەنمۇ كۆرۈشكەن چاۋۇشئوغلۇنىڭ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد ئەلى ئەلھەكىم ۋە پارلامېنت باشلىقى مۇھەممەد ئەلھەلبۇسى بىلەنمۇ كۆرۈشۈشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر