چاۋۇشئوغلۇ ئەتە ئىراقتا خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىران ئارىسىدىكى سۈركىلىشنى پەسكۇيغا چۈشۈرۈش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە ئەتە ئىراقتا زىيارەتتە بولىدۇ.

1336988
چاۋۇشئوغلۇ ئەتە ئىراقتا خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «رايونىمىزدا يېقىنقى مەزگىللەردە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە ئۇلغىيىپ كەتكەن سوغۇقچىلىقنى پەسكۇيغا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قويۇق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقىمىز دائىرىسىدە ھۆرمەتلىك مىنىستىرىمىزنىڭ 2020 – يىلى 9 – يانۋاردا ئىراقتا بىر كۈنلۈك خىزمەت زىيارىتىدە بولۇشى پىلانلانماقتا.» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

زىيارەت جەريانىدا رايوندىكى ئۆزگىرىشلەردىن سىرت ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر مەسىلىلەر توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر