چاۋۇشئوغلۇ: سۇلايمانىنىڭ ئۆلتۈرۈشى رايونىمىز ئۈچۈن خەۋپ شەكىللەندۈردى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قۇددۇس كۈچى قوماندانى قاسىم سۇلايمانىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونى ئۈچۈن جىددىي خەۋپ شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

1335323
چاۋۇشئوغلۇ: سۇلايمانىنىڭ ئۆلتۈرۈشى رايونىمىز ئۈچۈن خەۋپ شەكىللەندۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ «تۈركىيەنىڭ 2019 – يىللىق دىپلوماتىيە سىياسىتى خۇلاسە يىغىنى» دا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «بۇ كىرىزىسنىڭ ھەل قىلىنىشى ياكى سۈركىلىشنىڭ ئازايتىلىشى ئۈچۈن ئالدىمىزدىكى كۈنلەردىمۇ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرستىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

بارلىق تەرەپلەر بىلەن قويۇق ئالاقە ئورنىتىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون، ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھەم سالىھ ۋە قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى قاتارلىقلار بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەنمۇ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تېلېفوندا كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ دائىرىدە ئۆزىنىڭمۇ، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار  ۋەزىرى دومىنىك رائاب، قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئالسانى، پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى شاھ مۇھەممەد قۇرەيشى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس بىلەن ئايرىم – ئايرىم ھالدا تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ تىنچلىق يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر مەسىلىسىدە ھەمىشە رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھەممىگە مەلۇمكى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن چارشەنبە كۈنى ئىستانبۇلغا كېلىدۇ. پۇتىن بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيىتى ۋە رايوندا سۈركىلىشنى ئازايتىش تىرىشچانلىقلىرىمىز ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ. بولۇپمۇ ھەممىمىزنىڭ ئورتاق ئەندىشىسى، ئىراقنىڭ باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈن توقۇنۇش ساھەسىگە ئايلىنىپ قېلىشى. بۇ ئىراق ھەم رايونىمىز ئۈچۈن جىددىي خەۋپتۇر. بۇ دائىرىدە ئىراق بىلەنمۇ داۋاملىق ئالاقە قىلىپ تۇرۇۋاتىمىز. جۈملىدىن، بۇ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئازايتىلىشى يولىدا مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتىمىز، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر