شىمالىي ئىراقتىن قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى  « ھەربىي ھەرىكىتى» رايوندىكى ھافتانىن رايونىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى.

1334140
شىمالىي ئىراقتىن قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  «<پەنچە -3> ھەربىي ھەرىكىتى» رايوندىكى ھافتانىن رايونىدا ئىككى ئەسكەرنىڭ شېھىت بولۇپ كېتىشىدىن كېيىن، تېررورچىلار بار رايون ئېنىقلاپ چىقىلىپ، ئۇرۇش ۋاسىتىلىرى ۋە «ئاتاق» ناملىق تىك ئۇچار ئايروپىلان ئارقىلىق ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان، « F-16» تىپلىق ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانىمۇ رايونغا ئەۋەتىلگەن.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: «شېھىت ئەسكەرلەرگە ئاللاھ تائالا رەھمەت، ئۇلارنىڭ دەرد – ئەلەملىك ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، تۈركىيە ئارمىيەسىگە ۋە ئەزىز تۈركىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز ھەم سەۋر - تاقەت تىلەيمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر