ئىككى تېررورچى تەسلىم بولدى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىككى تېررورچىنىڭ تەسلىم بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

1326234
ئىككى تېررورچى تەسلىم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پاناھ جايلىرىدىن قاچقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لىق ئىككى تېررورچى شىرناق ۋىلايىتىنىڭ سىلوپى ناھىيەسى چېگرا مۇداپىئەسى قاراۋۇلخانىسىغا تەسلىم بولدى. شۇنىڭ بىلەن، يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە تۈركىيە سىرتىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قېچىپ، تەسلىم بولغان تېررورچىلارنىڭ سانى 10 غا يەتتى. دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىمىزنىڭ كېچە – كۈندۈز ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئىچىدىكى يىرىمىلىش باسقۇچى داۋاملاشماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر