چاۋۇشئوغلۇ: ئامېرىكادا ئېمبارگو قارارى چىقسا، ھەربىي بازىلار كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكادا تۈركىيەگە قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى چىققان ئەھۋالدا، ئىنجىرلىك بىلەن كۈرەجىكتىكى ھەربىي بازىلارنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

1321696
چاۋۇشئوغلۇ: ئامېرىكادا ئېمبارگو قارارى چىقسا، ھەربىي بازىلار كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا كونگرەسىدىن تۈركىيەگە قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى چىقسا، ئامېرىكامۇ پايدىلىنىۋاتقان ئادانادىكى ئىنجىرلىك ھاۋا ئارمىيە بازىسى بىلەن مالاتيادىكى كۈرەجىك رادار بازىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، رۇسىيەدىن سېتىۋېلىنغان «S-400» ھاۋا قالقان سىستېمىسى بىلەن «F-35» ئايروپىلانلىرى ئوتتۇرىسىدا، مەيلى قانۇنىي جەھەتتىن بولسۇن ياكى سىياسەت جەھەتتىن بولسۇن ھېچقانداق باغلىنىشنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا بارلىق تەكلىپلىرىمىزگە <ياق> دەۋاتىدۇ. زورلاپ تېڭىش بىلەن بىر يەرگە بارغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىشى لازىم. ئامېرىكا مەسىلىگە ئىجابىي قارىسا، بىزمۇ ئىجابىي قارايمىز. S-400 ھۇجۇم سىستېمىسى ئەمەس، بەلكى قوغدىنىش سىستېمىسى. F-35 نى ئالالمىساق باشقا تاللاش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىمىز.»

ئۇ ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىكى بەزى جايلارنى ئىشغال قىلىۋالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ داۋاملشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئامېرىكانىڭ ي پ گ|پ ك ك غا قىلغان ياردەملىرى جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. خەلقئارا تېررورىزمنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەش دائىرىسىگە كىرىدۇ» دېدى.

ئۇ بەزى ناتو دۆلەتلىرىنىڭ ي پ گ نى تېررورلۇق تەھدىتى دەپ تونۇش مەسىلىسىدىكى يىراق تۇرۇش پوزىتسىيەسى ئۈستىدە توختىلىپ: «تۈركىيەنىڭ خەۋپسىزلىكى بىلەن بالتىق خەۋپسىزلىكى تەڭ باراۋەردۇر. ھەم بالتىق ھەمدە بىزنىڭ پىلانىمىز ئېلان قىلىشنى ساقلاۋاتىدۇ. بىزنىڭ ئېلان قىلىنماي تۇرۇپ، يەنە بىرى ئېلان قىلىنمايدۇ. بۇ يەردە يول قويغانلىق يوق، كىچىككىنە ئىلتىپات قىلىش بار. بىرلا ۋاقىتتا ئىككى پىلان ئېلان قىلىنىدۇ. ناتونىڭ تۈركىيەنى قوغداش ۋەزىپىسى بار» دېدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە بىلەن لىۋىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئاقدېڭىزدا دېڭىز ھوقۇقى دائىرىسىنى بەلگىلەش كېلىشىمى ئۈستىدىمۇ توختالدى.

ئۇ: «كېلىشىمىمىز قانۇنغا ئۇيغۇن. لىۋىيە بىلەن قېدېرىپ تەكشۈرۈش ۋە بۇرغىلاش ئىشلىرىنى بىرلىكتە قىلىشىمىز مۇمكىن. گىرېتسىيە ياكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە ئادالەت دىۋانىغا مۇناسىۋەتلىك مەزكۇر مەسىلىدە، سوت مەھكىمىسىگە ئوخشاش قارار چىقىرىشى توغرا ئەمەس» دېدى.

ئۇ لىۋىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا: «لىۋىيەدە ب د ت ئېتىراپ قىلغان ھۆكۈمەت بار. شۇڭا، ب د ت ئېتىراپ قىلغان ۋە خەلقئارالىق يىغىنلارغا تەكلىپ قىلىنغان فايىز ئەسسەراج ھۆكۈمىتى قانۇنلۇق ھۆكۈمەت ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيە قانۇنلۇق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئەگەر لىۋىيەدىن مۇشۇنداق تەلەپ كەلسە، ئۇنىڭغا قاراپ چىقىمىز» دېدى.

ئۇ جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ھىدرو كاربون تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى مەسىلىسىدە، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بىلەن كېلىشىم تۈزۈشى، گىرېتسىيەنىڭمۇ تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر