ئاقار: لىۋىيە بىلەن تۈزگەن كېلىشىمىمىز باشقا دۆلەتلەرگە خەۋپ پەيدا قىلمايدۇ

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، لىۋىيە بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە نىسبەتەن تەھدىت ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.

1319789
ئاقار: لىۋىيە بىلەن تۈزگەن كېلىشىمىمىز باشقا دۆلەتلەرگە خەۋپ پەيدا قىلمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خۇلۇسى ئاقار پايتەخت ئەنقەرەدىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ھەرىكەت مەركىزىنى زىيارەت قىلغاندا، تۈركىيە بىلەن لىۋىيە ئارىسىدا ئىمزالانغان «خەۋپسىزلىك ۋە ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى» ۋە «دېڭىز سالاھىيەت ساھەلىرىنىڭ بېكىتىلىشى توغرىسىدىكى كېلىشىم» توغرىسىدا توختىلىپ، «بۇ ھېچبىر شەكىلدە باشقا دۆلەتلەرگە نىسبەتەن بىر تەھدىت؛ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەققىگە، ھوقۇقىغا دەخلى قىلىش ئەمەس» دېدى.

كېلىشىمنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن ئاقار، «ئامېرىكىلىق ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ، رۇس دوستلىرىمىزنىڭمۇ مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشلىرىنى كۈتۈۋاتىمىز. ناتو ئىتتىپاقىغا قىلىنىدىغان تەھدىتلەرگە جىددىي قارايمىز، شۇنداقلا ئىتتىپاقنىڭمۇ بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشىنى كۈتمەكتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر