«<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ھوقۇقىمىز بار»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي تۈركىيەنىڭ « ھەربىي ھەرىكىتى» نى داۋاملاشتۇرۇش ھوقۇقى بارلىقىنى ئېيتتى.

1319277
«<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ھوقۇقىمىز بار»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقسوي تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزگەن كۈندىلىك مۇخبىرلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە رۇسىيە بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىملەرگە ئاساسەن تۈركىيەنىڭ «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» نى توختاتقانلىقىنى، بۇ كېلىشىملەرگە خىلاپلىق قىلىنغان تەقدىردە، تۈركىيەنىڭ  «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» نى داۋاملاشتۇرۇش ھوقۇقى بارلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ھەرىكەت سايىسىدا بەزى دۆلەتلەرنىڭ رايوندا نىشانىغا يېتەلمىگەنلىكىنى، شۇڭا بۇ ھەركەت ئېلىپ بېرىلغان كۈندىن تارتىپلا تۈركىيەنى قارىلاش ئۈچۈن تەتۈر تەشۋىقات تارقىتىش پائالىيەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، خەلقئارا  جەمئىيەتنى ھەرىكەتنىڭ دائىرىسى، قانۇنىي ئاساسى ۋە ئالاھىدىلىكى ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى، چېگرا لىنىيەلىرىنى تېررورچىلاردىن تازىلاش ۋە سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئۆز يۇرتىغا قايتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان «بىخەتەر رايون» تەسىس قىلىشنى نىشان قىلىدىغان «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» نەتىجىسىدە 4 مىڭ 300 كىلومېتىرلىق ساھەنىڭ تېررورچىلاردىن تازىلانغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن 12 – ئۆكتەبىر كۈنى، رۇسىيە بىلەن 22 – ئۆكتەبىر كۈنى تۈزۈلگەن كېلىشىملەر، بۇ دۆلەتلەرنىڭمۇ ھەرىكىتىمىزنى قانۇنلۇق دەپ قارايدىغانلىقىنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى. شۇنداقتىمۇ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىنغان تەقدىردە، ھەرىكىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش ھوقۇقىمىز بار. جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ داۋاملىق تەكىتلەپ كېلىۋاتقىنىدەك، <بىخەتەر رايون> تېررورچىلاردىن پۈتۈنلەي تازىلانغانغا قەدەر سۈرىيەدىن قوشۇن چېكىندۈرۈشىمىز مۇمكىن ئەمەس.»

ئۇ، چەت ئەللىك تېررورچىلارنى ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇش باسقۇچى توغرىلىقمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ كىشىلەرنى ئۆز دۆلەتلىرى قايتۇرۇپ كەتكەندىلا ئاندىن مەسىلىنى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلغىلى بولىدۇ. ئۇلار ئۆز دۆلەتلىرىدە سوتقا تارتىلىشى ۋە  ئۆزگەرتىلىشى كېرەك. مەنبە دۆلەتلەرمۇ بۇ مەسىلىدە مەسئۇلىيەتتىن قاچماسلىقى لازىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر