ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ سۈرىيە تېررىتورىيەسىنى بېسىۋېلىش نىيىتى يوق

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈرىيە تېررىتورىيەسىنى بېسىۋېلىش نىيىتى بارلارنىڭ بۇ نىيىتىدىن يېنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېيتتى.

1318273
ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ سۈرىيە تېررىتورىيەسىنى  بېسىۋېلىش نىيىتى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان تۈركىيەنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەسىلىسىدە  ھېچكىمدىن ئىجازەت سورىماستىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە قۇدرەتلىك بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۈرىيەدىن تېررورچىلارنى تامامەن قوغلاپ چىقارغانغا قەدەر تۈركىيەنىڭ بۇ دۆلەتتىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ سۈرىيە تېررىتورىيەسىنى بېسىۋېلىش نىيىتىمىز يوق، ئەمما شۇنداق نىيىتى بارلار سۈرىيەدىن دەرھال ئەسكەر چېكىندۈرۈشى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر