قالىن: بىرلىك ۋە ھەمكارلىق ناتونىڭ ئىككى ئاساسىي تۈۋرۈكىدۇر

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باشلىقلار يىغىنى توغرىسىدا توختالدى.

1317399
قالىن: بىرلىك ۋە ھەمكارلىق ناتونىڭ ئىككى ئاساسىي تۈۋرۈكىدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، بىرلىك ۋە ھەمكارلىقنىڭ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتونىڭ ئىككى ئاساسىي تۈۋرۈكى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىدىن پ ك ك، دائېش ۋە فەتۆ قاتارلىق بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كونكېرت شەكىلدە قوللىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىبراھىم قالىن تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئەنگلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ناتو باشلىقلار يىغىنى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئورتاقلىشىپ، «بىرلىك ۋە ھەمكارلىق، ناتونىڭ ئىككى ئاساسىي تۈۋرۈكىدۇر. تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىدىن كۈتىدىغىنى، پ ك ك، دائېش ۋە فەتۆ قاتارلىق بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كونكېرت شەكىلدە يېنىدا تۇرۇشىدۇر. كىشىنىڭ سۆزىگە ئەمەس، ئىشىغا قارىلىدۇ. ھەممىمىز بىخەتەر بولماي تۇرۇپ، ھېچبىرىمىز بىخەتەر بولالمايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر