چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيەنىڭ س - 400 لەرگە ئېھتىياجى بار

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ س-400 سېتىۋىلىشىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا توختالدى.

1315359
چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيەنىڭ س - 400 لەرگە ئېھتىياجى بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيە پۇتبول فېدېراتسىيەسى ئىدارە ھەيئىتى ئەزاسى ۋە ئىسپانىيەنىڭ ئانتاليادا تۇرۇشلۇق پەخرى كونسولى ھاسان ئاكىنجىئوغلۇغا، ئىسپانىيە پادىشاھلىقى دۆلەت مېدالى بېرىلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئانتاليادىكى بىر مېھمانخانىدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىغا ئېھتىياجى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ مۇساپىدە ئەپسۇسكى، س-400 لەرنى سېتىۋالماڭلار دېگەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى چېگرادىن ۋەتەنپەرۋەر ناملىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ئېلىپ كەتتى. گېرمانىيەمۇ ئېلىپ كەتتى، گېرمانىيە ئېلىپ كەتكەنىكەن، گوللاندىيەدىمۇ ئېلىپ كېتىدۇ. ئەمدىلىكتە ئىتالىيەمۇ SAMP-T نى چېكىندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. چېگرايىمىزدا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى، باتارىيەلىرىنى، ۋەتەنپەرۋەر ناملىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى تۇرغۇزۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىردىنبىر دۆلەت ئىسپانىيە بولدى. ئىسپانىيە تۈركىيەنىڭ ھەقىقىي دوستىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز» دېدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ يەنە، تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بايرىقى ئاستىدا مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقىنى گۈللەندۈرۈش مەسىلىسىدىمۇ ئىسپانىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئىسپانىيە، بۇ ساھەلەردە بىز ئەڭ كۈچلۈك ئىشىنىدىغان، بىز بىرلىكتە خىزمەت قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر