چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە كۈچەيگەنسېرى ئالدىغا چىقىۋاتقان مەسىلىلەرمۇ ئۆزگىرىۋاتىدۇ

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ كۈچەيگەنسېرى ئالدىغا چىقىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

1315506
چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە كۈچەيگەنسېرى ئالدىغا چىقىۋاتقان مەسىلىلەرمۇ ئۆزگىرىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئانتاليانىڭ ئالانيا ناھىيەسىدىكى بىر مېھمانخانىدا چاقىرىلغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ياشلار قانىتى ئاقدېڭىز رايونى يىغىنىدا، جۇغراپىيەلىك ئورۇننىڭ تاشقى سىياسەتكە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئامىللارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «تۈركىيەنىڭ گېئو-سىياسىي ئورنى نۇقتىسىدىن دۇنيادا ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى دىققەتنى تارتقۇچى بىر ئورنى ۋە ئىمكانىيىتى بار. ھازىر ئېنېرگىيە كارىدورىمىز. ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى – تاناپ، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى باكۇ – تىفلىس – جەيھان ۋە شاھدېڭىز قۇرۇلۇشلىرى، تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى... تاناپ ۋە تۈرك ئېقىمى -2 قۇرۇلۇشى ياۋروپانى نىشان قىلىدۇ. ئوخشاشلا تۈركىيە تارىخىي يىپەك يولىنىڭ جانلاندۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ ھالقىلىق دۆلەت. بۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىشىمىز لازىم. قانال ئىستانبۇل قۇرۇلۇشىنى باشلىغان چېغىمىزدا دۇنيادا دېڭىزچىلىق ۋە قاتناش نۇقتىسىدىن تارىخ ئۆزگىرىدۇ. بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ شەرقىي ئاق دېڭىزدىكى بۇرغىلاش خىزمەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، «ئۆز تەۋەلىكىمىزدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا ھېچكىم بىلەن كېڭىشىپ ئولتۇرمايمىز» دېدى.


خەتكۈچ: #تۈركىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر