تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 2 ئەزاسىنى بىر تەرەپ قىلدى.

1314660
تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ رايونىدا ۋەقە پەيدا قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان پ ك ك ئەزاسى 2 تېررورچىنىڭ ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر