ئەردوغان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەنقىد قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەنقىد قىلدى.

1313458
ئەردوغان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇل قۇرۇلتاي مەركىزىدە چاقىرىلغان 35 – نۆۋەتلىك ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىقى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى مىنىستىرلار ئىچىلىشى بۆلۈمىدە سۆز قىلىپ، «يۈز بېرىۋاتقان ئازاب – ئۇقۇبەتلەرگە چارە تاپالمىغان بىر ب د ت  ئىنسانىيەتنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىگە چارە تاپالمايدۇ... ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرى – دائىمىي 5 ئەزاسىنى كۆزدە تۇتۇۋاتىمەن - نىڭ ئىچىدە خەلقى مۇسۇلمان بىرمۇ دۆلەت يوق. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غالىبلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بۇ ئادالەتسىز سىستېمىنىڭ داۋاملىشىشى مۇمكىن ئەمەس. خەلقئارا خەۋپسىزلىك چىرتىيوژلىرىنىڭ زامانىمىزنىڭ شارائىتىغا ئاساسەن قايتىدىن رەتكە سېلىنىشى زۆرۈرىيەتكە ئايلاندى. ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قۇرۇلمىسى، دۇنيا نوپۇسىنىڭ جۇغراپىيەلىك ۋە دىنىي تارقىلىشى نەزەردە تۇتۇلغان ھالدا قايتىدىن بېكىتىلىشى كېرەك» دېدى.

ئەردوغان سۆزى ئەسناسىدا يەنە، تۈركىيەنىڭ، ئالبانىيەدە تۈنۈگۈن مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى جاراھەتلەرگە مەلھەم بولۇش ئۈچۈن ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنىڭ سىگنالىنى بەردى.

ئۇ ئىسلام دۇنياسىنى ئالبانىيەگە ياردەمچى بولۇشقا چاقىرىپ، «يەر تەۋرىگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تۈنۈگۈن كېچە ئالبانىيە باش مىنىستىرى ئەدى راماغا تېلېفون قىلىپ تەزىيە بىلدۈردۈم. باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش باشقارمىسى ۋە قىزىلئاي خادىملىرىمىز بىلەن كېرەكلىك ئەشيالار قاچىلانغان ئايروپىلان ئالبانىيەگە يېتىپ باردى. ياردەم ئاپتوموبىللىرىنىڭمۇ بۈگۈن ئالبانىيەگە يېتىپ بارىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇ يەردىن سىلەرنىڭ ۋاسىتەڭلار بىلەن  پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنى ئالبانىيەگە ياردەمچى بولۇشقا چاقىرىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر