تېررورچىلار ئازەزدە پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلدى
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك ئەزالىرى سۈرىيەنىڭ ئازەز ناھىيەسىدە پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىپ، 2 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئازەزدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا ئالاقىدار باياناتىدا، ي پ گ/پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ فىرات قالقىنى ھەرىكىتى رايونىدا بىگۇناھ پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك بۇ قېتىم فىرات قالقىنى ھەرىكىتى رايونىغا تەۋە ئازەز ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق بىگۇناھ پۇقرالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى. شەھەر مەركىزىدىكى ئاپتوبۇس بېكىتى ئالدىدا ئاپتوموبىل بومبا بىلەن تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىپ، 2 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن يولدى. ئاز دېگەندىمۇ 3 پۇقرا يارىدار بولدى. يارىدارلارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر» دېيىلدى.
پارلاتلاش سەۋەبىدىن بېكەت ئەتراپىمۇ ماددى زىيانغا ئۇچرىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.