سويلۇ ياپونىيە دۆلەت مىنىستىرى ماسائاكى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە بىلەن ياپونىيە تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ساھەسىدە ئورنىتىشقا بولىدىغان ھەمكارلىقلار توغرىسىدا سۆزلەشتى.

1312100
سويلۇ ياپونىيە دۆلەت مىنىستىرى ماسائاكى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ بىلەن ياپونىيە دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى تائىرا ماسائاكى پايتەخت ئەنقەرەدە  ئېچىلغان «ئاسىيا ئاپەتنى ئازايتىش يىغىنى» دىن كېيىن يېرىم سائەت ئەتراپىدا يېپىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇچرىشىشتا،  ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ساھەسىدە ئورنىتىشقا بولىدىغان ھەمكارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر