تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارغا قايتۇرما زەربە بەردى

تۈركىيە ئارمىيەسى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نىڭ سۈرىيەنىڭ تەل ئابياد ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا قىلغان زەمبىرەك ۋە گىراناتامىيوتلۇق ھۇجۇمىغا قايتۇرما زەربە بەردى.

1311317
تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارغا قايتۇرما زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋاى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، پ ك ك / ي پ گ نىڭ تەل ئابيادنىڭ جەنۇبىدىكى تۈركىيە قىسىملىرىغا قىلغان زەمبىرەك ۋە گىراناتامىيوتلۇق ھۇجۇملىرىغا يوللۇق قوغدىنىش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە قايتۇرما زەربە بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر