تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەدىكى مىنا ۋە يەرلىك تازىلاش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەدىكى مىنا ۋە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچلارنى تازىلاش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا...

1305861
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەدىكى مىنا ۋە يەرلىك تازىلاش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سۇ ئاستى مۇداپىئەسى (ساس) ۋە مىنا، يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچلارنى ئېنىقلاپ يوقىتىش خادىملىرىنىڭ تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدىكى خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تىۋىتتېر ئادرېسىدا ئۇچۇر تارقىتىپ، تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدىكى خەلقنىڭ بىخەتەر ھالەتكە يۇرتلىرىغا قايتىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن مەقسىتىدە باشلانغان مىنا بىلەن يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچلارنى ئېنىقلاپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇچۇردا، خىزمەتلەرنىڭ مىنا ۋە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچلار پۈتۈنلەي تازىلىنىپ بولغۇچە قەتئىي داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئۇچۇردا، تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ مىنا / يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچلارنى ئېنىقلاپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمەتلىرىگە دائىر فوتو – سۈرەتلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر