ئەردوغان دەرەخ تىكىش پائالىيتىدە مۇھىم سۆز قىلدى

بۈگۈن (11-نويابىر) كى مىللىي دەرەخ تىكىش كۈنى سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىدە، 81 ۋىلايەتتە 11 مىليون كۆچەت تىكىلدى.

1304311
ئەردوغان دەرەخ تىكىش پائالىيتىدە مۇھىم سۆز قىلدى
erdogan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە باتىكەنت چاكىرلاردا ئېلىپ بېرىلغان مىللىي دەرەخ تىكىش كۈنى پىروگراممىسىغا قاتناشتى ۋە ۋەتەنداشلارغا خىتاب قىلدى.

ئۇ سۆزىدە، نىشانلىرىنىڭ زۈمرەت يېشىللىققا پۈركەلگەن تۈركىيە رەسىمىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، پائالىيەتكە بېرىلگەن يۇقىرى ئەھمىيەت بېرىكىش سايىسىدا، نىشانلىرىدىن ئېشىپ دۇنياغا ئۆرنەك بولىدىغان پائالىيەتكە ئايلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ بۈگۈن جىنېس دۇنيا رېكورتى قامۇسى مەسئۇللىرىنىڭ پائالىيەتنى چورۇمدا نازارەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە قامۇسقا كىرگۈزىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرىنىڭ بودرۇمدا، مارمارىستا، ئىزمىردا، ئانتاليادا ۋە باشقا نۇرغۇن جايلاردا ئورمانلىقلارغا رەھىمسىزلەرچە ئوت قويۇپ بەرگەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ: «بۇ پ ك ك دېيىلىدىغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ گۇماشتىلىرى بۇنى ئاشكارىلىدى. <بىز ئوت قويۇپ بەردۇق> دېدى. ئۇلار ئوت قويۇپ بەردى، بىز تىكتۇق. ئۇلارنىڭ مەقسىتى مۇھىتنى قوغداش ئەمەس، بەلكى بەزىلەرنىڭ ئورنىدا تۈركىيەنى قورشاۋغا ئېلىش ئىدى. شۈكرىلەر بولسۇنكى، ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە خەلقىمىزنىڭ قوللىشى ئاستىدا بۇ تۇزاقلارنىڭ ھەممىسىنى يوققا چىقاردۇق. ھەر مەسىلىمىزدە قىلغىنىمىزغا ئوخشاش، دەرەخ تىكىش پائالىيىتىمىزنىمۇ خەلقىمىز بىلەن قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، خالىس خىزمەت قىلىمىز» دېدى.

ئۇ 17 يىلدا جەمئىي 4.5 مىليارد كۆچەت تىكىپ، ئورمان كۆلىمىنى 20.8 مىليون گېكتاردىن 22.6 مىليون ەېكتارغا چىقارغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر