تۈركىيە دائېش ئەزالىرىنى ئۆز دۆلەتلىرىگە يوللاشنى باشلىدى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ «بىز ھېچ كىشىنىڭ دائېش مېھمانخانىسى ئەمەسمىز» دېگەن ئىدى.

1304098
تۈركىيە دائېش ئەزالىرىنى ئۆز دۆلەتلىرىگە يوللاشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىسمائىل چاتاكلى رەسمىيەتلىرى تاماملانغان ئامېرىكا پۇقراسى بىر نەپەر دائېش ئەزاسىنىڭ تۈركىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىسمائىل چاتاكلى: «قايتۇرۇۋېتىش مەركىزىدىكى گېرمانىيە پۇقراسى 7 تېررورچىنىڭمۇ سەپەر ئىشلىرى تاماملاندى. 14نويابىردا چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ. دانىيە پۇقراسى يەنە بىر تېررورچىنىڭمۇ ئەدلىيە رەسمىيەتلىرى تاماملىنىپ بۈگۈن دۆلىتىگە قايتۇرىۋېتىلىدۇ» دېدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ دائېش ئەزالىرىنى قايتۇرۇۋېتىشكە ئالاقىدار ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، غەرب دۆلەتلىرىگە خىتاب قىلىپ، «دۈشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن دائېش ئەزالىرىنى دۆلەتلىرىگە يوللاشنى باشلايمىز. دائېش ئەزالىرىنى گىراژدانلىقىڭلاردىن چىقىرىۋەتكەن ياكى چىقارمىغانلىقىڭلارغا قارىماستىن، دۆلەتلىرىڭلاردا يوللايمىز. قانداق قىلساڭلار، قىلىڭلار. ئۆز خەلقىڭلارغا قانداق ھېساب بېرىشنى ئۆزەڭلار بىلىڭلار. بىز ھېچ كىشىنىڭ دائېش مېھمانخانىسى ئەمەسمىز» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر