ئاقار ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلىنى قوبۇل قىلدى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جەيمس جفرېي ۋە ئەنقەرە باش ئەلچىسى دەيۋىد ساتېرفېلدنى قوبۇل قىلدى.

1303146
ئاقار ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يۇنۇس ئەمرە قارائوسمانئوغلۇ بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جەيمس جفرېي باشچىلىقىدا ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىلغان. ئۇچرىشىشتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا 17 – ئۆكتەبىر كۈنى ئىمزالانغان كېلىشىم لايىھەسىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشتىن كېيىن مىنىستىر ئاقار، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جېفرېي ۋە ئەنقەرە باش ئەلچىسى ساتېرفېلدنى قوبۇل قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر