ئەردوغان ۋە ھەمراھلىقىدىكى تۈركىيە ھەيئىتى ۋېنگىرىيەگە يېتىپ باردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيە – ۋېنگىرىيە يۇقىرى دەرىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ تۆتىنچى نۆۋەتلىك يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن تۈركىيە ۋاقتى سائەت 13:00 تە ۋېنگىرىيەگە يېتىپ باردى.

1302226
ئەردوغان ۋە ھەمراھلىقىدىكى تۈركىيە ھەيئىتى ۋېنگىرىيەگە يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان لىسزت فېرنس ئايرودۇرۇمىدا ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار، قوشۇمچە سودا ئىشلىرى مۇئاۋىن مىنىستىرى لېۋېنتى ماگيار، ۋېنگىرىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى گابور كىس، تۈركىيەنىڭ بۇداپېشتتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاھمەت ئاكىف ئوقتاي ۋە ئەلچىخانا خادىملىرى تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىندى.

ئەردوغان ۋە رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە ئائىلە، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەر مىنىستىرى زەھرا زۈمرۈت سەلچۇق، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، قاتناش ۋە ئۇل – ئەسلىھە ئىشلىرى مىنىستىرى جاھىت تۇرھان، سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك، سودا ئىشلىرى مىنىستىرى رۇھسار پەكجان، كۈلتۈر ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن باشلىقى جەۋدەت يىلماز، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن قاتارلىقلارمۇ ۋېنگىرىيەگە باردى.

ئەردوغان ئارقىدىن ۋېنگىرىيە پىرېزىدېنتى جانوس ئادېر بىلەن ساندور سارىيىدا يېپىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر