«تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە قورقۇمسىز»
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە قورقۇمسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
1302130
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئانتاليادا بەرگەن باياناتىدا، پۈتكۈل دۇنيانىڭ تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنى ھەيرانلىق ئىلكىدە كۆزىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە ئىرادىسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە قەتئىي، ئاكتىپ ۋە قورقۇمسىز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا، پۈتكۈل دۇنيا بۇنى ھەيرانلىق ئىلكىدە كۆزەتمەكتە.»