تۈركىيە تېررورچىلارنى مەلۇم قىلغۇچىلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپات سوممىسىنى قايتىدىن بېكىتتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، تېررور گۇماندارلىرىنى قولغا چۈشۈرۈشكە ھەمكارلاشقۇچىلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپات مىقدارىنى قايتىدىن بېكىتتى.

1300385
تۈركىيە تېررورچىلارنى مەلۇم قىلغۇچىلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپات سوممىسىنى قايتىدىن بېكىتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنغان نىزامنامىگە ئاساسلانغاندا، تېررورچىلارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلۈشىگە ياردەمچى بولغانلارغا بېرىلىدىغان پۇلنىڭ سوممىسى 200 مىڭ لىرادىن كۆپ بولمايدىكەن؛ بېرىلىدىغان مۇكاپاتنىڭ مىقدارى تەمىنلەنگەن ئۇچۇر، ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدىغان جىنايەت ياكى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان كىشىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىلىدىكەن. بىراق، تېررورچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى بولسا، مۇكاپات سوممىسىنى 50 ھەسسە كۆپەيتىشكە بولىدىكەن، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تېررورلۇق تەشكىلاتى باشلىقلىرىنى مەلۇم قىلغۇچىلارغا 10 مىليون لىراغىچە مۇكاپات بېرىلىدىكەن.

مۇكاپات ئېلىش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرنىڭ جىنايەتنىڭ پاش قىلىنىشىغا ياكى پاكىتلارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلۈشىگە ۋەياكى جىنايەت گۇماندارىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلۈشىگە ياردەمچى بولىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى شەرت قىلىنىدىكەن.

مۇكاپاتلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەربىي خادىم ياكى دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرىدىن پايدىلانغان كىشىلەر بولماسلىقى شەرت ئىكەن، بىراق، ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پۇقراسى بولۇشى شەرت قىلىنمايدىكەن.

بىر كىشى بىردىن ئارتۇق جىنايەتنىڭ ئايدىڭلىتىلىشىغا ياكى  بىردىن كۆپ گۇماندارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلۈشىگە ياردەمچى بولسا، مۇكاپات سوممىسى ھەر بىر جىنايەت ۋە جىنايەت گۇماندارى ئۈچۈن ئايرىم – ئايرىم ھېسابلىنىپ بېكىتىلىدىكەن. مۇكاپات بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ كىملىكلىرى قەتئىي ئاشكارىلانمايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر