تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئامېرىكىنىڭ 2018 - يىللىق تېررورىزم دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 2018 – يىللىق تېررورىزم دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1300189
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئامېرىكىنىڭ 2018 - يىللىق تېررورىزم دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ <2018 – يىللىق تېررورىزم دوكلاتى> توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىندى؛ باياناتتا، مەزكۇر دوكلاتتا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى داۋامى بولغان ي پ گ/ پ ي د دىن ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن ئېغىز ئېچىلماسلىقىنىڭ «قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيەنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئۈلگىلىرىنىڭ بىرى» ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ، بۇ دوكلاتتىن كېيىن تېررورىزم توغرىسىدا دەيدىغان بىرەر سۆزىنىڭ قالمىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىر ياتاقتا ياتقانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ھامان بىر كۈنى ئۇ زەھەرلىك يىلان تەرىپىدىن چېقىلىش بولىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىپ ئۆتۈشنى خالايمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

تۈركىيەنىڭ، 1984 – يىلىدىن بىرى ئۈزلۈكسىز ھالدا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاسالا قاتارلىق ھەرخىل تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىغا دۇچار بولغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «دۇنيادا تۈركىيەچىلىك تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ قۇربانى بولغان ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى پائال كۈرەش قىلىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلغان ناھايىتى ئاز دۆلەت بار» لىقى تەكىتلەندى ۋە «تۈركىيەنىڭ، پ ك ك ۋە دائېشقا (قارشى كۈرەش) قىلغىنىدەك پ ي د ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى باشتا بولۇپ بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى» قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر